📖 ۋەھىي 1
-
1
بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسى، يەنى خۇدا ئۇنىڭغا ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرغان ۋەھىيدۇر. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ قۇلى يۇھانناغا ئالامەتلەر بىلەن ئايان قىلدى.
-
2
يۇھاننا بولسا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھەمدە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى گۇۋاھلىققا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى.
-
3
بۇ بېشارەتنى ئوقۇپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئىتائەت قىلغۇچى بەختلىكتۇر! چۈنكى ۋەھىينىڭ ۋاقتى يېقىندۇر.
-
4
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا [ئۆلكىسىدىكى] يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن
-
5
ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان
-
6
ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن!
-
7
مانا، ئۇ بۇلۇتلار بىلەن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر كۆز، ھەتتا ئۇنى سانجىغانلارمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلە-خەلق ئۇ سەۋەبلىك ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئامىن!
-
8
مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن، ھازىر بار بولغان، بۇرۇنمۇ بار بولغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ بار بولغۇچىدۇرمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار خۇدا.
-
9
سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھەم سىلەر بىلەن بىرگە ئەيسادا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، پادىشاھلىق ۋە سەۋر-تاقەتتىن ئورتاق نېسىپدىشىڭلار بولغان مەنكى يۇھاننا خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن پاتموس دېگەن ئارالدا [مەھبۇس] بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم.
-
10
«رەبنىڭ كۈنى»دە مەن روھنىڭ ئىلكىگە ئېلىنىشىم بىلەن، كەينىمدىن كاناي ئاۋازىدەك كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
-
11
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە جامائەتكە، يەنى ئەفەسۇس، سمىرنا، پەرگامۇم، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيادىكى جامائەتلەرگە ئەۋەت» دېدى.
-
12
ماڭا سۆز قىلغان ئاۋازنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان
-
13
ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.
-
14
ئۇنىڭ باش-چېچى ئاق يۇڭدەك، ھەتتا قاردەك ئاپئاق ئىدى ۋە كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى.
-
15
پۇتلىرى خۇمداندا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ئىدى.
-
16
ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى قۇياشنىڭ تولۇق كۈچىدە پارلىغاندەك يارقىن ئىدى.
-
17
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ــ قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى
-
18
ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر!
-
19
شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەن ئىشلارنى، ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى ۋە بۇلاردىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر.
-
20
سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ ۋە يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ سىرى مانا مۇنداق ــ يەتتە يۇلتۇز يەتتە جامائەتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتتۇر.