📖 ۋەھىي 22
-
1
ئاندىن [پەرىشتە] ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ،
-
2
شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى.
-
3
لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ.
-
4
ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ.
-
5
ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
-
6
پەرىشتە ماڭا: ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى.
-
7
(«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!»)
-
8
بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم.
-
9
لېكىن ئۇ ماڭا: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى.
-
10
ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى.
-
11
قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى.
-
12
«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.
-
13
مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».
-
14
ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر!
-
15
شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.
-
16
«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»
-
17
روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
-
18
مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ.
-
19
كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
-
20
ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!»
-
21
رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!