📖 ۋەھىي 15
-
1
ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ).
-
2
مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ،
-
3
ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ «ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر، ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى!
-
4
ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان، نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟ چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ، ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛ چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى».
-
5
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى!
-
6
يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.
-
7
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى.
-
8
ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.